بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك ۋەدىلەرنى بەردى. بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاش تەبىئەتكە ئىگە بولالايمىز.