ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم ئېتىقادىڭلار بىلەن شەيتانغا تاقابىل تۇرۇڭلار. چۈنكى ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ.