ئالەمنىڭ يارىتىلىشى (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
«ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»~دا دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولۇشى، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى، گۇناھ ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىسى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ. ئادەم~ئاتا بىلەن ھاۋا~ئانا، نۇھ پەيغەمبەر ۋە توپان بالاسى ھەم ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان كۈچلۈك ئېتىقادى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمائىل، ئىسھاق ۋە نەۋرىلىرى، بولۇپمۇ يۈسۈپ ھەمدە يۈسۈپ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مىسىرغا كۆچۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ.
تېزىس:
1. ئالەمنىڭ يارىتىلىشى (1-، 2-بابلار)
2. گۇناھنىڭ پەيدا بولۇشى (3-باب)
3. ئادەم~ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى (4-، 5-بابلار)
4. توپان بالاسى ۋە نۇھ پەيغەمبەر (6 - 10-بابلار)
5. تىلنىڭ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىلىشى (11-باب 1 - 9-ئايەتلەر)
6. ئىبراھىمنىڭ چاقىرىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى (11-باب 10-ئايەتتىن 25-باب 11-ئايەتكىچە)
7. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى (25-باب 12-ئايەتتىن 45-بابقىچە)
8. ئىسرائىللارنىڭ مىسىرغا بېرىشى ۋە ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشى (46 - 50-بابلار)
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى
Sélection en cours:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش): HZUT
Surbrillance
Partager
Copier
Tu souhaites voir tes moments forts enregistrés sur tous tes appareils? Inscris-toi ou connecte-toi
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti