Logo YouVersion
Ikona vyhledávání

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1

1
خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى
1خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. 2ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.
3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېگەنىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4‏-5خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى بولسا «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.
6ئاندىن، خۇدا: «سۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پاسىل بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 7شۇنىڭ بىلەن، بىر پاسىل پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇلارنى ئۈستىدىكى سۇلاردىن ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 8خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.
9ئاندىن، خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن ۋە قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 10خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
11ئاندىن، خۇدا يەنە: «يەردە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر؛ ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك بولۇپ، ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 12شۇنىڭ بىلەن، يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 13كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.
14خۇدا يەنە: «ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرقلەندۈرۈپ، كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشتا بەلگە بولسۇن. 15بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 16خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 17‏-18يەر يۈزىنى يورۇتۇش، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلىش ۋە يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىش ئۈچۈن، خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملارنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 19كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.
20خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلار بىلەن تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچارقاناتلار ئۇچسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 21بۇنىڭ بىلەن، خۇدا سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ جانلىقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك بېلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچارقاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 22خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچارقاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى. 23كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.
24خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلار - ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 25شۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
26ئاندىن، خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، يەنى روھىي جەھەتتىن بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنى يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانىۋارلارنى - دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرىدىغان بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى.
27بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدەك ياراتتى،
ئۇنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى،
شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.
28خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:
- پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا، دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، شۇنىڭدەك پۈتۈن جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار. 29مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم. 30بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار قاتارلىق ھەر خىل مەخلۇقلارغا بولسا ئوت-چۆپ ۋە كۆكتاتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم.
خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 31خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.

Zvýraznění

Sdílet

Kopírovat

None

Chceš mít své zvýrazněné verše uložené na všech zařízeních? Zaregistruj se nebo se přihlas

YouVersion používá soubory cookie adaptované na vaše potřeby. Používáním našich webových stránek souhlasíte s používáním souborů cookie, jak je popsáno v našich Zásadách ochrany osobních údajů