YouVersion Logo
Search Icon

ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر ‮(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)‬

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ماركۇستۇر. گەرچە ماركۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى پېترۇسنىڭ تەلىملىرىگە ئاساسلىنىپ يېزىلغان.
خۇش خەۋەر بايان قىلغان باشقا مۇئەللىپلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ رەببىمىز ئىكەنلىكىنى كۆپرەك تەكىتلەپ ئۆتكەن بولسا، ماركۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەنە بىر تەرىپى، يەنى ئىنسانلارنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىنى كۆپرەك تەكىتلىگەن. ماركۇس كىتابىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمى توغرىسىدا كۆپ توختالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خاتىرىلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان. كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنسانئوغلى باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلگەن، دېگەندىن ئىبارەت مۇھىم تەلىمىگە مۇجەسسەملەشكەن.
ماركۇسنىڭ بۇ كىتابى ئاساسەن يەھۇدىي ئەمەس كىتابخانلارغا قارىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا يەھۇدىيلارنىڭ يوسۇن-قائىدىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن.
تېزىس:
1. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىنى تەييارلىشى (1-باب 1 - 8-ئايەتلەر)
2. ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى (1-باب 9 - 13-ئايەتلەر)
3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىكى خىزمىتى (1-باب 14-ئايەتتىن 9-بابقىچە)
4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا سەپىرى (10-باب)
5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى (11 - 15-بابلار)
6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى ۋە شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى (16-باب)
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy