YouVersion Logo
Search Icon

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر ‮(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)‬

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى لاۋىي دەپمۇ ئاتالغان مەتتا بولۇپ، ئۇ بۇرۇن باجگىر ئىدى. كېيىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان.
مەتتانىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى، يەھۇدىي كىتابخانلارغا ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتقان پادىشاھ، يەنى مۇقەددەس يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ دەل ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر.
مەتتا مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن بېرىلگەن بېشارەتلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشى، مۆجىزىلىرى، ھاياتى، ئۆلۈمى ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى تەۋراتتىكى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھكە قارىتىلغان نەقىللەر بىلەن تەسۋىرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇئەللىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەمسىللەر بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە كۆپ تەلىم بەرگەنلىكىنى ۋە خۇدانىڭ قانۇنىنى توغرا چۈشەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
تېزىس:
1. ھەزرىتى ئەيسانىڭ نەسەبنامىسى ۋە دۇنياغا كېلىشى (1-، 2-بابلار)
2. ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا (3-بابتىن 4-باب 11-ئايەتكىچە)
3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىكى خىزمىتى (4-باب 12-ئايەتتىن 18-بابقىچە)
4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىن يېرۇسالېمغا سەپىرى (19-، 20-بابلار)
5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى (21 - 27-بابلار)
6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى (28-باب)
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy