YouVersion Logo
Search Icon

يۇنۇس 3

3
يۇنۇسنىڭ خۇداغا بويسۇنۇشى
1پەرۋەردىگاردىن يۇنۇسقا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە مەن ساڭا تاپشۇرىدىغان سۆزلەرنى جاكارلا، _ دېدى.
3يۇنۇس شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بىنائەن، نىنەۋىگە باردى. نىنەۋى ئالاھىدە چوڭ بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنى ئارىلاپ چىقىشقا ئۈچ كۈن كېتەتٹتى. 4يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، بىر كۈنلۈك يولنى ماڭغاندىن كېيىن:
_ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب قىلىنىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.
5بۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشنى قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسى يۇقىرى-تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى چىگە رەختكە يۆگىنىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 6بۇ خەۋەر نىنەۋى پادىشاھىغا يەتكەندە، ئۇ تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، چىگە رەختكە يۆگىنىپ، كۈلدە مىلىنىپ ئولتۇردى.
7پادىشاھ ئۆزى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق ئەمر چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم مەيلى ھايۋان، مەيلى كالا مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە تېتىمىسۇن، ئۇلار ھېچنېمە يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. 8پۈتكۈل ئادەم ۋە ھايۋانلار چىگە رەختكە يۆگەنسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن ھەمدە يامان يولىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن. 9كىم بىلىدۇ، خۇدا شۇنىڭ بىلەن نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلماي قويامدۇ تېخى!»
10خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.

Currently Selected:

يۇنۇس 3: HZUT

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy