YouVersion Logo
Search Icon

ياقۇپ يازغان خەت ‮(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)‬

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
مۇئەللىپ خېتىدە ئۆز ئىسمىنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسى («ئەلچىلەر» 15-باب 1 - 21-ئايەتلەر)، ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنىسى ياقۇپ دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن بۇرۇن، ياقۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھەم ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىغان. كېيىن، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان.
مۇئەللىپ بۇ خەتنى ھېچكىمنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دەيدىغان خاتا كۆزقاراشنى تۈزىتىپ بېرىش ۋە ئېتىقادچىلارغا قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان. ئۇ مەغرۇرلىنىش، كەمسىتىش، ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك، ساختىپەزلىك ۋە تۆھمەتخورلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. مۇئەللىپ ھەقىقىي ئېتىقادنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىنىدىغانلىقىنى بىرنەچچە مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەن ۋە بۇنى مېۋە دەرىخىنىڭ پەقەت ئۆزىگە خاس مېۋە بېرىدىغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرغان. قىسقىسى، ئۇ بۇ خەتتە ئېتىقادقا يارىشا ياشاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تېزىس:
1. سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش (1-باب 1 - 18-ئايەتلەر)
2. ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش (1-باب 19 - 27-ئايەتلەر)
3. ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق (2-باب 1 - 13-ئايەتلەر)
4. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت (2-باب 14 - 26-ئايەتلەر)
5. تىلنى تىزگىنلەش (3-باب)
6. بۇ دۇنيادا ياشاش (4-بابتىن 5-باب 6-ئايەتكىچە)
7. سەۋرچان بولۇش ۋە دۇئا قىلىش (5-باب 7 - 20-ئايەتلەر)
ياقۇپ يازغان خەت

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy