ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3

3
ئادەم~ئاتىنىڭ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشى
1يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن:
- خۇدا باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىڭلارنى راستتىنلا مەنئى قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
2ئايال:
- باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 3پەقەت باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېسەك بولمايدۇ. خۇدا بىزنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈشىمىزنىمۇ مەنئى قىلدى. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلساق، ئۆلىمىز، - دەپ جاۋاب بەردى.
4يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
- يالغان! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 5خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.
6ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى ۋە ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. 7ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى. شۇڭا، ئۇلار ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.
8شۇ كۈننىڭ سالقىن چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەن شەپىسىنى ئاڭلاپ، دەرەخزارلىقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشتى. 9لېكىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىغا:
- سەن قەيەردە؟ - دەپ ۋارقىرىدى.
10ئادەم~ئاتا:
- مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن نومۇس قىلىپ، سەندىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، - دەپ جاۋاب بەردى.
11خۇدا ئۇنىڭدىن:
- يالىڭاچلىقىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ - دەپ سورىدى.
12ئادەم~ئاتا:
- سەن ماڭا ھەمراھ بولسۇن، دەپ بەرگەن ئايال ئۇ مېۋىدىن ماڭا بەرگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يېدىم، - دەپ جاۋاب بەردى.
13پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن:
- نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلدىڭ؟ - دەپ سورىدى.
- مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، - دەپ جاۋاب بەردى ئايال.
خۇدانىڭ ئادەم~ئاتا بىلەن ھاۋا~ئانىنى جازالىشى
14شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا:
- بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق ھايۋاناتلار ئىچىدە پەقەت سەنلا مۇنۇ لەنەتلەرگە قالىسەن:
«ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ،
ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.
15سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن.
ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭمۇ
دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ،
سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.
16كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا:
- ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭنىڭ تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ، - دېدى.
17پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىغا:
- ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن يېيىشنى مەنئى قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، يەرمۇ لەنىتىمگە ئۇچرىدى. سەن ئەمدى ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلىنىسەن. 18يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن بولساڭ يەردىكى زىرائەتلەرنى يەيسەن. 19باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىرنەرسە يېيەلەيسەن، تاكى ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. توپىدىن يارىتىلدىڭ، شۇڭا يەنە توپىغا قايتىسەن! - دېدى.
20ئادەم~ئاتا ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى ئىدى. 21پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى.
ئادەم~ئاتا بىلەن ھاۋا~ئانىنىڭ ئېرەم باغدىن قوغلىنىشى
22ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى:
- ئادەم~ئاتا بىزگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»~نىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ!
23شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىپ، يەرگە، يەنى ئۆزلىرى ئەسلى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. 24ئاندىن، خۇدا ئادەم~ئاتىنى ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخكە يېقىنلاشمىسۇن دەپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە بىسى ئوت چېچىپ، ئۇ يان بۇ يان قوزغىلىپ يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.

Vurgu

Paylaş

Kopyala

None

Önemli anlarınızın tüm cihazlarınıza kaydedilmesini mi istiyorsunuz? Kayıt olun ya da giriş yapın

YouVersion, deneyiminizi kişiselleştirmek için tanımlama bilgileri kullanır. Web sitemizi kullanarak, Gizlilik Politikamızda açıklandığı şekilde çerez kullanımımızı kabul etmiş olursunuz