1
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:3
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
ئەگەر: «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار.
Compare
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:8
2
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:3
ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:17
3
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:3
ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:16
4
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:3
مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:11
5
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:3
پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:10
6
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:3
چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «باياۋاندا بىر كىشى: دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! دەپ توۋلايدۇ.»
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:3
YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy
Home
Bible
Plans
Videos