لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن شۇئان قارشى يۆنىلىشكە ماڭدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، ئىسپانىيەگە بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى ۋە كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىللە ئىسپانىيەگە بارماقچى بولدى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى.