بەلكى، قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن رەببىمىز ئەيساغا ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.