ئاندىن، خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، يەنى روھىي جەھەتتىن بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنى يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانىۋارلارنى - دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرىدىغان بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدەك ياراتتى،
ئۇنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى،
شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.