YouVersion Logo
Search Icon

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1

1
ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامىسى
1ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى. 2ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسى، ئىسھاق ياقۇپنىڭ ئاتىسى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى، 3يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان پارەس ۋە زەراھنىڭ ئاتىسى، پارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى، ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى، 4رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى، ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى، 5سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبىدنىڭ ئاتىسى، ئوبىد يىشاينىڭ ئاتىسى، 6يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى، داۋۇت پادىشاھ ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى، 7سۇلايمان رېھابامنىڭ ئاتىسى، رېھابام ئابىيانىڭ ئاتىسى، ئابىيا ئاسانىڭ ئاتىسى، 8ئاسا يەھوشافاتنىڭ ئاتىسى، يەھوشافات يورامنىڭ ئاتىسى، يورام ئۇزىيەنىڭ ئاتىسى، 9ئۇزىيە يوتامنىڭ ئاتىسى، يوتام ئاھازنىڭ ئاتىسى، ئاھاز ھىزىكىيەنىڭ ئاتىسى، 10ھىزىكىيە ماناسسەنىڭ ئاتىسى، ماناسسە ئاموننىڭ ئاتىسى، ئامون يوشىيەنىڭ ئاتىسى، 11يوشىيە ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنغاندا تۇغۇلغان يەكونيە ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى، 12يەكونيە ئىسرائىللار بابىلونغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن تۇغۇلغان شالتىيەلنىڭ ئاتىسى، شالتىيەل زېرۇبابىلنىڭ ئاتىسى، 13زېرۇبابىل ئابىھۇدنىڭ ئاتىسى، ئابىھۇد ئەلياقىمنىڭ ئاتىسى، ئەلياقىم ئازورنىڭ ئاتىسى، 14ئازور سادوقنىڭ ئاتىسى، سادوق ئاھىمنىڭ ئاتىسى، ئاھىم ئەلىھۇدنىڭ ئاتىسى، 15ئەلىھۇد ئەلئازارنىڭ ئاتىسى، ئەلئازار ماتاننىڭ ئاتىسى، ماتان ياقۇپنىڭ ئاتىسى، 16ياقۇپ مەريەمنىڭ ئېرى يۈسۈپنىڭ ئاتىسى، مەريەم مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىڭ ئاپىسى. 17بۇنداق بولغاندا، ئىبراھىم پەيغەمبەردىن داۋۇت پادىشاھقىچە ئون تۆت ئەۋلاد، داۋۇت پادىشاھتىن ئىسرائىللار بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنغۇچىمۇ ئون تۆت ئەۋلاد ۋە ئۇلار بابىلونغا سۈرگۈن بولغاندىن مەسىھ دۇنياغا كەلگەنگە قەدەر ئوخشاشلا ئون تۆت ئەۋلاد ئۆتكەن.
ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى
18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. 19مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى. 20بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. 21ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.
22مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق: 23«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر. 24يۈسۈپ ئويغىنىپ پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. 25لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy