YouVersion Logo
Search Icon

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14

14
ھەزرىتى ئەيسا - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق
1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:
- كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. 2خۇدائاتامنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن ئۆي-ماكانلار بار. ئۇنداق بولمىسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن، شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. 3مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. 4سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر.
5- ئى رەببىم، سىزنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ يولنى قانداق بىلىمىز؟ - دېدى توماس.
6ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
- يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. 7ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، - دېدى.
8- ئى رەببىم، ئاتىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، رازى بولاتتۇق، - دېدى فىلىپ.
9- فىلىپ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا تالاي ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتام خۇدانى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ» دەيسەن؟ 10مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق، بەلكى مېنىڭ ئاتام ئېيتقان. ئۇ مەندە تۇرۇپ خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. 11«مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە» دېگىنىمگە ئىشىنىڭلار. ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغانلىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار.
12بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدەك قىلالايدۇ. مۇنداق كىشى بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. 13مېنىڭ نامىم بىلەن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۆز ئاتامنىڭ ئۇلۇغلۇقى مەن ئارقىلىق ئايان بولسۇن ئۈچۈن، تىلەكلىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 14مېنىڭ نامىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى بېرىمەن.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىشى
15ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:
- مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. 16مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ. 17ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كۆرمەيدۇ، تونۇمايدۇ. بىراق، سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ دائىم سىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ ھەم سىلەردە ياشىماقچى.
18مەن سىلەردىن ئايرىلغاندا، سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. 19ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. 20شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن. 21كىم ئەمرلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، مېنى سۆيىدىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيىدىغان كىشىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن.
22يەھۇدا ئىسىملىك باشقا بىر شاگىرت (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ھەزرىتى ئەيسادىن:
- ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى.
23ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
- مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز. 24مېنى سۆيمەيدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلمايدۇ. سىلەر ئاڭلاۋاتقان سۆزلەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامنىڭكىدۇر. 25مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، سىلەرگە بۇلارنى دېدىم. 26لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ.
27سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.
28سىلەر مېنىڭ: «مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيسەڭلار، ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشال بولاتتىڭلار. چۈنكى، ئاتام مەندىن ئۇلۇغدۇر. 29سىلەرنى بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە ماڭا ئىشەنسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەردىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېيتتىم. 30سىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر. 31لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا ئەمر قىلغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy